ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق يېڭى دوكلاتىدا خىتاينىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى قاتتىق تەنقىدلەنگەن

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) 23-سېنتەبىر كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ خىتايدىكى دىنىي مۇھىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگىمۇ خىرىس پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە سىستېمىلىق، دائىملىق ۋە ئاشقۇن شەكىلدە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى؛ شۇڭا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا «ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەت» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دىنىي سىياسىتىدۇر. شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ‹دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىتايدىكى دىنىي مۇھىتنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايچىلاشتۇرۇش، يەنى دىنىي گۇرۇپپىلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە ۋە ماركسىزمچە دىنىي قاراشقا پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتىكى يادرولۇق پىرىنسىپىغا ئايلاندۇردى. قانۇنىي بەلگىلىمە ۋە دۆلەت كونتروللۇقىدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى بۇددىستلار، كاتولىكلار، پىروتېستانت خىرىستىيانلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى. ئۇلار يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە زىت دەپ قارىغان دىنىي ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىلەرنى ھەر خىل ناملاردا يوقاتتى.»

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگىمۇ دەخلى-تەرۇز شەكىللەندۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىلىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئالغان چىراي تونۇش ۋە باشقا يۇقىرى ئىقتىدارلىق تەقىب سىستېمىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، ھەتتا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد مۇھىتىغىمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.