پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتايغا قويىدىغان تاموژنا بېجىنى كېچىكتۈرمەكچى بولغان
2025.01.21
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سايلام مەزگىلىدە خىتاي ماللىرىدىن 60 پىرسەنت باج ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ باجنى ئېلىشنى تۇيۇقسىز كېچىكتۈرىدىغان بولۇپ قالغان.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 21-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقسارايغا قايتا كىرگەن بىرىنچى كۈنى خىتايغا تاموژنا بېجى قويۇشنى توساتتىن ئارقىغا سۈرگەن ھەمدە خىتاينى بىردىنبىر تەھدىت دېگەن گەپلەرنى قىلمىغان. ھالبۇكى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدىمۇ خىتاينى تۈزۈك تىلغا ئالمىغان. بۇ ھال ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن توقۇنۇشماي، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش يولىنى تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالماقتا.
خىتاي ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ سودا جېڭىدىكى رەقىبى دەپ قارالغان بولۇپ، پىرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە، تاموژنا بېجى ئارقىلىق خىتاينى چەكلەپ، ئامېرىكانى تېخىمۇ باي قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. خىتاي بولسا، سودا جېڭىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ماللىرىنى ئامېرىكاغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا دەرھال تاموژنا بېجى قويماسلىقى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىش ئېھتىمالىنى كۈچلەندۈرمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ يەنە خىتاينىڭ تىك-توك ئەپ دېتالىنى چەكلەشنىمۇ كەينىگە سۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تىك-توكنىڭ 50 پىرسەنت پېيىنى ئېلىش، ئۇنى ساقلاپ قېلىش تەكلىپى بەرگەن ھەمدە تىك-توكنىڭ كەلگۈسىدە نەچچە يۈز مىليارد دوللارلىق بازار قىممىتى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلدىكى سودا كېلىشىمى ۋە ئىلگىرى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى ۋە سۆھبىتىگە خىرىس ئېلىپ كېلىدىكەن؛ شۇنداقتىمۇ ترامپ 2-نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغان بۇ مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ نىشانى ۋە مەنپەئەتىگە پايدىلىق يېڭى پىلان، يېڭى كېلىشىم تۈزۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.