خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 27-ئاپرېلدا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى «مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن زىيانلىق ھەرىكەت» دەپ ئەيىبلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنڭ «سامپسون» (Sampson) يادرو ئوق بېشىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى 26-ئاپرېل كۈنى قەرەللىك دېڭىز سەپىرى ئۈچۈن خەلقئارا دېڭىز يولى قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن. ئۇلار بۇ قېتىملىق سەپەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ «ئامېرىكا ئارمىيەسى خەلقئارا قانۇن رۇخسەت قىلغان ھەرقانداق جايدا ئۇچۇش، دېڭىز سەپىرى قىلىش ۋە مەشغۇلات قىلىدۇ» دېگەن. ئەمما خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق شتابى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ «ئۇلارنىڭ بۇ خىل دېڭىز سەپىرى ئىغۋاگەرلىكنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خاتا ئۇچۇر يوللايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى دېڭىز سەپىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم تەيۋەن ئەتراپىدىن ئۆتكەن ئىكەن. تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ قېتىمقى دېڭىز سەپىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي نورمال بولغان دېڭىز سەپىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.