رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم «پاكىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر لۈكچەكلەر ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە،» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ سۆزى دەل خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى سودا ۋە ھەربىي ئىشلار بويىچە تولىمۇ نازۇك بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك خەلق نامايىشىنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاستىرتىن كۈشكۈرتمەكتە» دەپ تۆھمەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا نەشر قىلىنىدىغان «داگوڭباۋ» گېزىتى بولسا ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭدىكى كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر مېھمانخانا زالىدا سۆزلىشىۋاتقان فوتو رەسىمىنى ئېلان قىلىپ «بۇ كىشىنىڭ ئىسمى جۇلىي ئېدا» دېگەن. شۇنداقلا بۇنىڭغا قوشۇپ ئۇنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى، بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىسمى ۋە سۈرەتلىرىنى، شۇنىڭدەك باشقا مەلۇماتلارنى گېزىتكە باسقان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە بولسا «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ خوڭكوڭغا قول تىقىشى،» دەپ ماۋزۇ قويغان.
ئورتاگۇس خانىم مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ «پەقەت لۈكچەك ھاكىمىيەتلا مۇشۇ خىلدىكى باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلاشتەك پەسكەشلىكنى سادىر قىلىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ دىپلوماتىيەدىكى بىر ئەقەللىي قائىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.