ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش پاراخوتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللىرىغا يېقىن جايدا ھەرىكەت قىلغان


2019.08.29

CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ياسىۋالغان سۈنئىي ئاراللىرىغا 12 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدا سەپەر قىلىش ئارقىلىق بۇ ئورۇنلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدىكى ئەركىن سەپەر رايونى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7-باتاليونىنىڭ باياناتچىسى كوماندىر رىن مومسىن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن دېڭىز سەپەرلىرىگە ئوچۇقلۇقىنى تەكىتلەش ۋە بۇ ئورۇنلاردىكى چېكىدىن ئاشقان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەرىكىتى جەريانىدا خىتايغا تەۋە بىر ھەربىي پاراخوت ئۇلارغا ئەگەشكەن، ئەمما ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈركىلىش چىقمىغان.

بىراق خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى لى خۇامىن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ «ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ زومىگەرلىكى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان سالماقتا،» دېگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قەرەللىك ھالدا جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلغان. ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى نېفىت ۋە گاز قىدىرىش ھەرىكەتلىرىگە دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ «خىتاي بۇنداق زومىگەرلىك ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قوشنىلىرىنىڭ ئىشەنچىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.