ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى: «خىتاي ئامېرىكانىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كۇرت كامبېل (Kurt Campbell) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتاي ئامېرىكانىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى» دېگەن.

كۇرت كامبېلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەتتە تېخنولوگىيە يېتەكچىلىك ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. كۇرت كامبېل بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 18-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى چوڭ كۈچلەر رىقابىتى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئېيتقان. كۇرت كامبېل، ئامېرىكانىڭ چوقۇم ئىلغار تېخنولوگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى، چۈنكى «ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەتتە تېخنولوگىيە ساھەسىنىڭ يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۇرت كامبېل يەنە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يۆنىلىشى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يوشۇرۇن توقۇنۇشقا چوڭقۇر تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كۇرت كامبېل مۇنداق دېگەن: «دۆلەت ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى مەسىلىسىدە بىز ئېھتىياجلىق بولغان ئەڭ مۇھىم ئىش، ئىككى پارتىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدۇر. بىزنىڭ مۇشۇ يولدا كېتىۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. مېنىڭچە، كىشىلەر شۇنى تونۇپ يەتتىكى، بۇ بىز تارىختا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ رىقابەت».

كۇرت كامبېلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا تېخنولوگىيەگە مەبلەغ سېلىشقا مەركەزلىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە دېڭىز ئارمىيەسىگە بولغان مەشىق ۋە تەربىيەلەشنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ يىغىندا يەنە ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل مەككائۇل (Micheal McCaul)، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ نوقۇل ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ئورۇننى تالىشىش كۈرىشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەت «21-ئەسىرنىڭ قائىدە تەرتىپى ۋە يەر شارى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى شەكىللەندۈرۈش رىقابىتى» ئىكەن. بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 28 خىل قانۇن لايىھەسى ماقۇللىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن.