ئامېرىكا پرېزىدېنتتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان 6-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جېچى بىلەن شىۋېتسارىيەنىڭ زۈرىك شەھىرىدە سۆھبەتلەشكەن.
ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 9-سېنتەبىردىكى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ھېسابلىنىدىكەن. سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ھەر قايسى تەرەپ ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆپلىگەن ئورتاق تېمىلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
خەۋەردە سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەت قاتارلىقلار مۇھىم تېما بولغان.