خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز چارلاش ئۈسكۈنىسىنى قايتۇرۇپ بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.12.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئادەمسىز چارلاش ئۈسكۈنىسىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرى 15‏-دېكابىر كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭ بىر ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتايدىن ئۇنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، ئامېرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە سۆھبىتىدىن كېيىن، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىمۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا بۈگۈنكى باياناتىدا، مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان ئورۇندا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەستىقلاش بىلەن بىرگە، خىتاينى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان. پەنتاگون باياناتىدا يەنە، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئارا سەپەرگە ئوچۇقلۇقىنى قايتا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇ يەردە قانۇنلۇق دېڭىز سەپەرلىرىنى ۋە ئۇچۇشلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا تەۋە ئادەمسىز چارلاش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىۋېلىشى ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ زورىيىشى ۋە ئىگىلىك ھوقۇق دەتالىشىدىكى ئۇششۇقلۇقى قوزغاۋاتقان ئەندىشىلەرنى يەنە بىر ھەسسە كۈچەيتكەن. بۇ خىل ئادەمسىز چارلاش ئۈسكۈنىسى ئادەتتە دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇنداق ئۈسكۈنىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جەمئىي 130 دانە ئەتراپىدا بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.