15-يانۋار كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق «سودا كېلىشىمى» ئىمزالاندى.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي ئامېرىكادىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە يەنە 200 مىليارد دوللار قىممىتىدە تاۋار مال ۋە مۇلازىمەت سېتىۋالىدىكەن. ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئامېرىكا تەرەپ بولسا خىتاينىڭ 120 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىغا قويۇلغان ئەسلىدىكى 15 پىرسەنتلىك باجنى 7 يېرىم پىرسەنتكە چۈشۈرۈشكە قوشۇلغان.
ئەگەر بۇ كېلىشىم ھەقىقەتەن ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان ئېكسپورت سوممىسى ئەسلىدىكى 185 مىليارد دوللاردىن ھالقىپ، 2020-يىلى 260 مىليارد دوللار، 2021-يىلى بولسا 310 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.
بۇ قېتىملىق كېلىشىمدە يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ماددىلارمۇ كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنى قوللاش ئارقىلىق ئادالەتسىز رىقابەتكە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تېخى تىلغا ئېلىنمىغان.
«ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم» نى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەلىبىسى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ كېلىشىمدە ئامېرىكاغا پايدىلىق ئامىللار كۆپلۈكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ۋەدە قىلغان بۇ ماللارنى سېتىۋېلىش ئىقتىدارى بار-يوقلۇقى ۋە كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ماددىلارغا خىتاينىڭ ئەمەل قىلىش ياكى قىلماسلىقىنىڭ مۇتەخەسسىلەر تەرىپىدىن ئىنچىكلىك بىلەن كۆزىتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.