پرېزىدېنت ترامپ: «ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىدىن گۇمان قىلىمەن»

2‏-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا باشلاندى. سۆھبەت باشلانغان دەل شۇ كۈنى پرېزىدېنت ترامپ مۇخبىرلارغا سۆھبەتنىڭ بىرەر نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ «ئامېرىكا-خىتاي سودا سۈھبىتى بىرەر كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغاندەك تۇرامدۇ،» دېگەن سوئالىغا «مەن بۇنىڭدىن گۇمان قىلىمەن»، «خىتاي بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى، چۈنكى ئۇلار ئامېرىكىدىن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىگە تولۇق ئېرىشىپ كەلدى،» دېگەن.

پرېزىدېنت ترامپ بۇ سۆزلەرنى خىتاي سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خېنى قوبۇل قىلىشتىن سەل بۇرۇن قىلغان. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرىنى تەنقىدلەپ، پۇل مەسىلىسىدە دۇنيادىكى ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئامېرىكا خىتايغا يول قويغاندەك باشقا دۆلەتكە ئۇنداق يول قويۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، پرېزىدېنتى ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكىنى يۇلۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا «سودا بىر تاق لىنىيەلىك يول بولۇپ كەلدى. مەن شى جىنپىڭغا ئەمدى بۇنىڭغا يول قويالمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم،» دېگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى منۇچىن بىلەن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ليۇ خې ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتى پەيشەنبە ۋە جۈمە ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتكە يەنە ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس ۋە سودا ۋەكىلى روبېرت لايتېزىر قاتنىشىدىكەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ پەيشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ سۆھبەتتە ھەل بولۇشىنى ئۆمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەر ھالدا ھەر خىل ئېھتېماللىقلارغا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا يېقىندا خىتاينىڭ جوڭشىڭ شىركىتىگە ئېمبارگو قويۇپ، بۇ شىركەتنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى جوڭشىڭ شىركىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ يۇمشىغانلىقىنى رەت قىلغان. پرېزىدېنت ترامپنىڭ جوڭشىڭ شىركىتىنى قۇتقۇزۇشقا ۋەدە قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ، جوڭشىڭ شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.