ئامېرىكا خىتاينىڭ خەلقئارا سودا-تىجارەتتىكى يولسىزلىقىنى تىزگىنلەشكە تەييارلانماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئاق ساراينىڭ سودىغا ئالاقىدار بىر خادىمى ئۆز نامىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سودا ئىشلىرىدىكى تېخنىكا ئوغرىلاش قاتارلىق بىر قاتار تىجارەت قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكىنىڭ 1974-يىلى ماقۇللانغان تىجارەت قانۇنىنىڭ 301-ماددىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ماددىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا ئامېرىكىنىڭ تىجارەت مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن چەتئەل ماللىرىغا قارىتا چېگرا بېجىنى ئاشۇرۇش، سودىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش ھوقۇقى بېرىلگەن. مەزكۇر ئالاقىدار خادىم يەنە ھۆكۈمەتنىڭ پات يېقىندا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئالاقىدار تىجارەت قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. 

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا خىتاينىڭ سودا ئىشلىرىدىكى پۇل قىممىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى ۋە تېخنىكا ئوغرىلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش قىلمىشلىرىدىن شىكايەت قىلماقتا. رويتېرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈنكى سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا مەنپەئەتىنىڭ ھەرقانداق تالاش-تارتىشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روز، تۈنۈگۈن «ۋال ستىرىت ژۇرنىلى» غا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل سودىنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئەركىن سودىغا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان سودا بېكىنمىچىلىرىنى تىزگىنلەشكە چارىلىرى بارلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، دونالد ترامپ سايلام مەزگىلىدە خىتاينىڭ سودىدىكى ھەقسىز قەدەملىرىنى تىزگىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن ، ئەمما ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىن خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش نىيىتى بىلەن، سودا ساھەسىدە سۈكۈت قىلغان. خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدىكى نۆۋەتتىكى پاسسىپلىقى، پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سودا مەسىلىسىدە كەسكىن تەدبىر ئېلىشىغا يول ھازىرلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت