ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى شىمالىي كورېيەگە ئىقتىسادىي جازا قويۇشقا كېلىشكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.05.27

ئاقساراينىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دائىرىلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقاتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغانلىقىغا قارشى ئۇلارغا يەنە بىر قاتار ئىقتىسادىي جازا قويۇشقا كېلىشكەن.

ئاقساراي جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پرېزىدېنت ترامپ ۋە باش ۋەزىر شىنزو ئابې شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازانى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى. بۇلار شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادۇر پروگراممىلىرىغا ياردەمدە بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى بايقاش ۋە ئۇلارنى ئىقتىسادىي جازالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

باياناتتا كۆرسىتىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ كېلىشكەن.

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادۇر تەھدىتىدى بارغانچە كۈچەيگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى «يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە تېرمىنالى»-«THAAD» نى جەنۇبىي كورېيەگە يۆتكىگەن.

ياپونىيەمۇ شىمالىي كورېيەدىن كېلىدىغان بومبا تەھدىتىگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ياپونىيە ئۆتكەن ئاي ياپون دېڭىزىدا ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ بىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. مانېۋىرغا ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ يادۇر ماتورلۇق كارل ۋىنسون ناملىق ئاۋىئاماتكىسى قاتناشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.