ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا لاگېرلارغا قامىلىپ كەتكەنلەر ئارىسىدا زور ساندىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشىنىپ قالغان زىيالىلاردىن باشقا ئەمدىلەتىن جەمئىيەت بوسۇغىسىنى ئاتلاۋاتقان ياش بوغۇنلارمۇ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. 2017-يىلى يازدا بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى ئىنىستۇتۇتىنى پۈتتۈرگەن 24 ياشلىق زەينۇر تۇردى دەل ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
13-نويابىر كۈنى زەينۇرنىڭ ئىلگىرىكى دوستلىرىدىن بىرى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاددىسون مەكتاگ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۆزى بېيجىڭدىكى قىسقىغىنە ئۆگىنىش مەزگىلىدە تونۇشقان ئۇيغۇر دوستى زەينۇرنىڭ ئىزدەك-سورىقىنى قىلدى.
ئاددىسون مەكتاگ بىر مۇسۇلمان قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان زەينۇر بىلەن تېزلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان. ھەر ئىككىسىنىڭ ئىسلام يوسۇنىدا كىيىنىشى ۋە ئىسلام دىنىغا بولغان مۇھەببىتى ئۇلاردىكى بىر ئورتاقلىق بولسا، يەنە بىر ياقتىن ھەر ئىككىسىنىڭ ياش جەھەتتە بەك پەرق قىلىپ كەتمەيدىغانلىقى ھەمدە ھەر ئىككىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشى ئۇلاردىكى يەنە بىر ئورتاقلىق بولۇپ قالغان. ئەمما ئاددىسون ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر دوستى زەينۇرنىڭ قەشقەردە ئۇشتۇمتۇتلا غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان.
ئاددىسون مەكتاگ ئوچۇق خېتىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان زەينۇرنىڭ تولىمۇ تەقۋا بىر مۇسۇلمان قىز ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەسچىتلەردىن چەكلەش، كۆپلىگەن بىھۇدە دىنىي چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش، ھەممىلا يەرگە كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىشتەك «بىخەتەرلىك» تەدبىرلىرىنىڭ ئاشۇ بىغۇبار دوستىنى يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئەيىبلەيدۇ.
ئۇ «شاھىت بىز» تورىغا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا زەينۇرنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇش جەريانىدا ياتىقىدىكى بەش خىتاي قىزنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇغانلىقى، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ھېجابنى ئېلىۋېتىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلىشى، ئاكىسىنىڭ مىسىردا ئوقۇغانلىقى دېگەندەك سەۋەبلەرنىڭ ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.