ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋى بەلگىلەردە ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەمەس، خىتايچە سۆزلەر ئۇيغۇر ھەرپلىرىدە يېزىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.21

يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى X تىكى سەھىپىسىگە «خىتاي بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس» دەپ شوئار يېزىۋالغان كىرىستى فرانكلىن ئىسىملىك بىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدە تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتنى چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ رەسىمدە ئاپتوبۇس بېكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە تىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «مانا بۇ ئۇيغۇر يېزىقى. ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دېگەنلەر بىز غەربلىكلەرگە ئاڭلىتىلىۋاتقان بىر يالغانچىلىق» دەپ يازغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرشۇناس، ئىندىيانا ئىشتاتىدىكى روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىموسىي گروس بۇنىڭغا ئىنكاس يېزىپ، رەسىمدىكى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى خىتايچە سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ رەسىمدىكى «داسەيگو» ياكى «جۇڭخې» دېگەندەك بېكەت ئىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىدە يوق سۆزلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بىر پارچە رەسىم بىلەن ئىسپاتلىنالمىغۇدەك دەرىجىدە مۇرەككەپ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە مائارىپ تىلى بولۇشتىن قالدۇرۇلۇشى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى مەۋجۇتلۇقىغا زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ يازغان.

2017-يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن ماس قەدەمدە يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» ۋە «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دەپ نام بېرىلگەن مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى تۈپەيلىدىن، خىتاي تىلىدىكى نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇر ئېغىز تىلىنىڭ سۆزلۈكىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر ۋە ئەبجەشلىشىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرچىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تەرجىمە ۋە تەشۋىقات تىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.