راي سىناش نەتىجىسىدە 99% كە يېقىن كىشى ئۇيغۇرلارغا ئانا تىل مائارىپى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.21

يېقىندا «ئۇيغۇربىز» تورى تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە راي سىناش ئېلىپ بارغان. راي سىناشقا قاتناشقان 98.6 پىرسەنت بىلەت تاشلىغۇچى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئانا تىل يەسلىسى ۋە ئانا تىل مەكتىپى بولۇشى كېرەك» دەپ قارىغان.

«ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىل يەسلىسى ۋە مەكتىپى بولۇشقا ئېھتىياجلىقمۇ-يوق» دېگەن تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش پائالىيىتىنى «ئۇيغۇر بىز تورى» «ئۈندىدار» دا ئېلىپ بارغان. راي سىناش خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، راي سىناشقا 22 مىڭ 950 ئادەم قاتناشقان.

ئۇلاردىن 52.9 پىرسەنت بىلەت تاشلىغۇچى «ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم ئۆز ئانا تىل مائارىپى بولۇشى زۆرۈر» دەپ قارىغان. 45.7 پىرسەنت بىلەت تاشلىغۇچى «ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىل مائارىپىنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق» دېگەن. پەقەت 1.4 پىرسەنت بىلەت تاشلىغۇچى «ئانا تىل مائارىپى ھاجەتسىز» دەپ قارىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «قوش تىل مائارىپى» نى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى سىقىپ چىقارغان. بىراق بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.