ئانتونى بىلىنكىن: ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرىدۇ

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.01.29

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 29-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن چارشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانتونى بىلىنكىن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، كورونا ۋىرۇسى يامراپ كەتكەن ۋەزىيەتتىن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەھدىت سالىدىغان قارارلارنى چىقارغان، ئامېرىكا بۇنى ئەيىبلىگەن. خىتاي يەنە سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەپتە جەنۇبى دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇ ھەپتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن ئانتونى بىلىنكىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمچىلىكى ۋە ئىغۋاگەرلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاينى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.