ئۇيغۇر رايونى ۋەكىللىرى ئۇيغۇر رايونى ئېلېكترلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-03-18
Share

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان 13-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرى بىرلىشىپ، ئورتاق ھالدا 10 تەكلىپ لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تەكلىپلەر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېلېكتر بايلىقلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈشنى ئاشۇرۇش ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەكىللەر نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش شوئارى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىشىنىڭ يېتەرسىزلىكى، شۇڭا بۇ ساھەنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن «قۇمۇل كۆمۈر ئېلېكتر بازىسى پىلانى» نى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەزكۇر «ۋەكىللىرى» يەنە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارىسىدا ۋە ئۈرۈمچى بىلەن قورغاس ئارىسىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە قەشقەر بىلەن پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرى ئارىسىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇش لايىھىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى تەكلىپ قىلغان.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر 10 تەكلىپنىڭ ھېچقايسىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەقىبلەش، كىشىلەرنى «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا سولاشنى توختىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ساھەلىرىدە ئىشلىتىشى چەكلەنگەن ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆزلىرى تۈزگەن مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا رىئايە قىلىش مەسىلىلىرى ۋە باشقىلار ئورۇن ئالمىغان. مەزكۇر كۆزەتكۈچىنىڭ قارىشىچە، ئەلۋەتتە، مەزكۇر ۋەكىللەر ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى سايلاپ چىققان، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋەكىللەر ئەمەس، ئەكسىچە ھۆكۈمەت ئۆزى بېكىتكەن ئادەملىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھېچقاچان خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت