10 - يانۋار كەچقۇرۇن ئاتۇشتا 5 بال يەر تەۋرىگەن


10 - يانۋار كەچقۇرۇن ئاتۇش شەھىرىدە 5 بال يەر تەۋرىگەن، ھازىرچە ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنمىغان.

خىتاي يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش تور مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، يەر تەۋرەشتە بىر قىسىم كونا ئۆيلەر مۇئەييەن دەرىجىدە زەخىمىگە ئۇچرىغاندىن باشقا زىيان كۆرۈلمىگەن.

خىتاي ئاخباراتىدا مەزكۇر يەر تەۋرەش ھەققىدە يۇقىرى چەكلىك ئۇچۇرلاردىن باشقا تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىغان.

رادىئومىزمۇ ئاتۇش شەھىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللىيەلمىدۇق.