بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاز-سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كىچىلىكى» پۈتۈنلەي سىياسىي تەشىۋىقات تۈسى بىلەن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، «6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كىچىلىكى» خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر كېچىلىككە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان. مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرىدە ئېچىلغان «مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى» دىن كېيىنلا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا بۇ يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە «يېڭى كۆرسەتمە» بېرىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كېچىلىككە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىر قانچىلىغان سەنئەت نومۇرلىرى قاتناشتۇرۇلغان. بۇ نومۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سىياسىي تەشۋىقات تۈسى ئىنتايىن قويۇق تەشۋىقات نومۇرلىرى بولۇپ، ئاساسلىقى شى جىنپىڭغا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە مەدھىيە ئوقۇلغان ئىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن قاتناشتۇرۇلغان سەنئەت نومۇرلىرىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ خوشال-خورام ۋە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى»، شۇنداقلا ئاتالمىش «جوڭخۇا مەدەنىيىتى» گە بولغان تەلپۈنۈش تەشۋىق قىلىنغان ئىكەن.

خەۋەردە «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» نىڭ ئۆمەك باشلىقى تۇرغۇن ئىمىننىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» نىڭ بۇ كېچىلىكتىن بىر ئاي بۇرۇن بېيجىڭغا بېرىپ مەشىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەشق جەريانىدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۇلارنىڭ نومۇرلىرىنى قايتا-قايتا تۈزەتكەن ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي سەنئىتىنى جىددىي رەۋىشتە سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گەۋدىسەگە يۇغۇرىۋېرتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتى ساھەسىدىكى كۆپ قىرلىق سەنئەتكارلاردىن قېيۇم مۇھەممەد، مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت قاتارلىق قانچىلىغان سەرخىلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەللىلەنگەن ئىدى.