«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «بايدېن بىلەن شىنىڭ ئۇچرىشىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.11.17

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن 16-نويابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، 14-نويابىر بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە كۆرۈشكەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقى، بەلكى تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جوش روگېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشى، ئەمەلىيەتتە ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ۋە بىر نەچچە يىلدا تېخىمۇ كۆپ قارشىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىدەك ئەپسۇسلىنارلىق رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

جوش روگېن «بايدېن بىلەن شىنىڭ ئۇچرىشىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقى، تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى» ماۋزۇلىق ماقالىسىدە، ئۈچ سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرلەش بولمىغانلىقى، چۈنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى، گەرچە شى جىنپىڭ كەيپىياتنى ياخشىلاشنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەرىكىتى باشقا بىر رېئاللىقنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 جوش روگېننىڭ ئېيتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى «ساغلام ۋە مۇقىم يولغا سېلىش» چۈشەنچىسىدىكى مەسىلە، بېيجىڭنىڭ ناچارلىشىۋاتقان خاراكتېرى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ ھەرقانداق ئىختىلاپلىق مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىشىدا ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن.

ئۇ، شى جىنپىڭ ئۆمۈرلۈك دىكتاتۇر بولغان ۋە ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك قەبىھلىك، ئادالەتسىز سودا ۋە باشقا ھەرقانداق بىر مەسىلىدە ماھىيەتلىك بىر ئىش قىلىشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جوش روگېننىڭ ئېيتىشىچە، ۋاشىنگتون شى جىنپىڭنىڭ گۇمانلىق تەشەببۇسلىرىغا قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ۋە شېرىكلىرىگە ۋە ئامېرىكا ھەربىر قوماندانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ قۇلاق سېلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.