پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك بايلىقى فوندى قۇرۇشنى بۇيرۇق قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.04

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3-فېۋرال كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، كېلەر يىلغىچە ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك بايلىقى فوندى قۇرۇشنى تەستىقلىغان. ترامپنىڭ ئىگىلىك بايلىقى فوندى قۇرۇش قارارى، خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىك-توكنى سېتىۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن تەييارلىقىمۇ، دېگەن پەرەزلەرنى پەيدا قىلماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەندىشىسى سەۋەبىدىن سابىق پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ دەۋرىدە قانۇن چىقىرىپ، تىك-توكنى بۇ يىل 19-يانۋار كۈنىگىچە سېتىشنى، ئەگەر ساتمىسا ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى مەشغۇلاتىنى چەكلەشنى قارار قىلغان. لېكىن پىرېزىدېنت ترامپ بۇ يىل 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى 75 كۈن كېچىكتۈرگەنىدى. ئىگىلىك بايلىقى فوندى نۇرغۇن دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتايغا ئوخشاش ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت بولغان ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەبلەغ فوندى بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىم ئامېرىكانىڭ شۇ خىلدىكى ئىگىلىك بايلىقى فوندى قۇرۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مەمۇرى بۇيرۇقىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 90 كۈن ئىچىدە «فوندىنىڭ مېخانىزمى، مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسى، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش شەكلى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇش پىلانىنى يوللىشى تەلەپ قىلىنغان. پىرېزىدېنت ترامپ مۇخبىرلارغا «مېنىڭچە، بۇ دۆلەتلىك ئىگىلىك بايلىقى فوندىنىڭ بارلىققا كېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىگە باغلىق بولۇپ قالغان. بىز بۇ فوند ئۈچۈن نۇرغۇن بايلىق توپلايمىز» دېگەن.

«رويتېرس» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ فوندىنىڭ قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەبلىغىنىڭ قانداق تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، پىرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى ئۇنىڭ مەبلىغىنىڭ «تاموژنا بېجى ۋە باشقا ئەقلىي نەرسىلەر» دىن تەمىنلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تىك-توكنى ئىگىلىك بايلىقى فوندىنىڭ سېتىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. پىرېزىدېنت ترامپ «بىز بىر ئىشلارنى قىلىمىز، تىك-توكقا قارىتا بىز توغرا كېلىشىم ھاسىل قىلالىساق قىلىمىز، بولمىسا قىلمايمىز……بەلكىم بىز ئۇنى ئىگىلىك بايلىقى فوندىغا ئېلىشىمىز مۇمكىن» دېگەن. لېكىن رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىگىلىك بايلىقى فوندىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.