خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 24-فېۋرال كۈنى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆزلىگەن سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر، روھىڭگا ۋە سۈرىيەدىكى توقۇنۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئېنىق ۋە كونكرېت بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئانتونىئو گۇتېرېس 24-فېۋرال جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، دۇنيادىكى توقۇنۇش، ھاۋا كىلىماتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ 7 نۇقتىلىق ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، دۆلەتلەر، شىركەتلەر ۋە خەلقلەرنى يەرشارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۈندىگەن. گۇتېررېس: «مەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خەلقئارا دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇققا تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتى قوزغاشنى چاقىرىشقا كەلدىم» دېگەن. لېكىن ئۇ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ھېچقانداق بىر دۆلەتنى تىلغا ئالمىغانىدى. +
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېننىس روت گۇتېررېسنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «باش كاتىپ كىشىلىك ھوقۇق قۇربانلىرىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنىڭ تەنقىدچىسى بولۇپ، مەيلى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشىدا بولسۇن، مەيلى بىرمىنىڭ روھىڭگالارغا قارىتا سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكىدە بولسۇن ياكى رۇسىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ئىدلىبتىكى پۇقرالارنى قالايمىقان بومباردىمان قىلىشىدا بولسۇن كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرگە قارشى تۇرۇپمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.»
گۇتېررېس ئىلگىرى خىتايدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى. كېننىس روتنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، «ئۇنىڭ پىلانى ب د ت باش كاتىپى ساغلام ۋە قەرەللىك ئاشكارا پىكىر ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتىن قاچمىغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىكەن.»