ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنىڭ خىتايغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز نۇرىمان
2020.02.26

ۋۇخەندىن بايقالغان تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىن ھالقىپ 29 دۆلەتكە تارقىلىشى، ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېردا يېتىۋاتقان مىليونلىغان تۇتقۇنلارغا يۇقۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتكەن.

بۇ ئېھتىماللىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار «ۋىرۇس لاگېرغا تەھدىت سالماقتا»، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈرۈمچىگە بارسۇن» قاتارلىق ئىمزا قويۇش پائالىيىتى باشلىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيىتى «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسى، «مۇھاپىزەتچى» قاتارلىق نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. 

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-فېۋرال خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى بۇ يىل خىتايدا، ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدىمۇ زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئادەم ئەۋەتىش تەلىپىنى ئۇزۇندىن بىرى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچلىت خانىمنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن. 

خىتاي تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا باچلىت خانىمنىڭ زىيارىتى جەريانىدىكى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەتقىقاتچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ئۇ يەرلەرنى تېررورلۇقنى ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىپ كىشىلەرگە ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىتىدىغان «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تەسۋىرلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.