«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ب د ت نىڭ خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى دەرھال ئېلىپ تاشلاشقا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە ۋەھشىلىكلەرلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىشىدىن بۇرۇن دەرھال تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھىندىستاندىكى «ئاسىيا خەلقارا خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ چاقىرىقنى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق دوكلاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ «خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇر خەلقىغە قىلىۋاتقانلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىلغا ئالغۇشىز بۇ ۋەھشىلىكلەر ئالدىدىكى مۇلايىملىقى ۋە ھەتتا سۈكۈتتە تۇرۇشىنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق، بۇ پاكىتنى داۋاملىق ئىنكار قىلىلىۋاتقان ھەرقانداق ئادەمنىڭ چوقۇم خىتايدا ئۆز روھىنى سېتىشىغا سەۋەب بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەتى بار» دېگەن.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1. 1 مىليون خىتاي كادىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا قارىتا قىزىل تەشقىۋات ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇلارنى نازارەت قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇلارنى ھاراق ئىچىش، چوشقا گۆشى يېيىشكە ئۈندىگەنلىكى، ئەگەر ئۇلار رەت قىلسا ‹گۇمانلىق› دەپ قارىلىپ، لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. روشەن ئابباسنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى «ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدىكى كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» ئىكەن.