ب د ت ئەمەلدارىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ، خىتايدىن 200 مىڭ دوللار پۇل ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.05.19

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىدىغان مۇستەقىل بىر ئورگان يېقىندا 83 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالاھىدە مەلۇماتچىسىنىڭ بېيجىڭغا قىلغان بىر سەپىرى مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا يانتاياق بولغانلىقى ۋە خىتايدىن 200 مىڭ دوللار پۇل ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

«ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتى» (UN Watch) دوكلاتىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە مەلۇماتچىسى ئالېنا دوھاننى دەرھال بۇ پۇلنى خىتايغا قايتۇرۇشقا چاقىرغان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالېنا دوھان ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەت قىلىدىغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلاشقان ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتايدىن 200 مىڭ دوللار پۇل ئالغان.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 8-سېنتەبىر كۈنى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تور پروگراممىسىغا قاتناشقان. ئۇ بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن شۈ بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، چېن شۈ بۇ يىغىندا «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۆز قولى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن. بۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنى «شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت كىشىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

«ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتى» دوكلاتىدا ئالېنا دوھاننى «بۇ پروگراممىغا قانىشىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكىدىن ئاقلىنىپ چىقىشىغا ياردەم بەردى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ھىلېل نېئېر مۇنداق دېگەن:

«خىتاينىڭ ھازىر ئالېنا دوھان ئىشلەيدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە پۇل تۆلەشكە تەييارلىقى مۇقەررەر. ئۇلار بۇ شەخسلەرنىڭ ب د ت دىكى ئورنى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ۋە رەھىمسىز ھاكىمىيەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقچى.»

ھىلېل نېئېر يەنە مۇنداق دېگەن: «ب د ت نىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئەلچىلىرىگە ئوخشاش، ئالېنا دوھاننىڭ مۇستەقىللىق، سەمىمىيەت، تەرەپسىزلىك پرىنسىپلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن 200 مىڭ دوللار ئېلىپ، ب د ت نىڭ ئەڭ ئاساسىي ئەخلاق پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلدى. بىز ئالېنا دوھاننى پۇلنى دەرھال قايتۇرۇشقا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلىشىغا ئاكتىپ ياردەم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى گۇمانلارنى يوقىتىشقا چاقىرىمىز».

ھىلېل نېئېر سۆزىدە يەنە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋە ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفېلدقا چاقىرىق قىلىپ، ئالېنا دوھاننى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.