بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتى 25-ئاپرېل كۈنى بىرىنچى قەدەمنى ئالغان ھەمدە ئۆمەك سۈپىتىدە خىتاي تەۋەسىگە كىرگەن.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بەش كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى شۇ كۈنى گۇاڭجۇ شەھىرىگە چۈشكەن ھەمدە يەرلىك قانۇن بويىچە ئىككى ھەپتىلىك كارانتىنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «ب د ت تەكشۈرۈش ئۆمىكى دۆلىتىمىزگە يېتىپ كەلدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش پائالىيىتى 2018-يىلىدىن بۇيان تەلەپ قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشتە بولۇش تەلىپى ئىزچىل يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن رەت قىلىنىپ كەلگەنىدى. ب د ت نىڭ بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكى 2005-يىلىدىن بۇيان خىتايغا بېرىپ باقمىغان بولغاچقا بۇ قېتىملىق زىيارەت ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ «تەكشۈرۈش پائالىيىتى» ئەمەس، بەلكى «زىيارەت» بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرى مىشېل باچېلېتقا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى يوللىغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مىشېل باچېلېت بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ قۇربانلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.
ھالبۇكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەييارلىغان ھەمدە 2021-يىلى ئېلان قىلماقچى بولغان دوكلاتنى ئېلان قىلماي بېسىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ھەر ساھە كىشىلىرى ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلماقتىكەن.