بۇ ھەپتە ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ساھىبخانلىقىدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تور يىغىنى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ 10-ماي كۈنىدكى ئاخبارات يىغىنىدا ئېيتىشىچە، ب د ت نى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باستۇرۇلغانغانلىقى ھەققىدىكى تور يىغىنى ئۈچۈن سەھنە قىلىپ ئىشلىتىش بۇ ئورگانغا قىلىنغان «ھاقارەت» ئىكەن.
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تور يىغىنى پىلانلاپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي د ت ت غا ئەزا دۆلەتلەگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىغىنغا قاناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلىمىسىز مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خۇا چۈنيىڭ ئاخبارات يىغىنىدا «ئامېرىكا بىر قانچە دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت نىڭ بايلىقى ۋە سەھنىسىنى سۈيىئىستىمال قىلماقتا ھەم ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتايغا تۆھمەت ۋە ھۇجۇم قىلماقتا،» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەت «ب د ت غا قىلىنغان ھاقارەت» بولۇپ، 12-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىي قورال قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلاشماقتا،» ئىكەن.
بىراق ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بۇنىڭ ئالدىدا «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكى، چۈنكى خىتاينىڭ ب د ت «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەدىنامىسى» غا ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.