ب د ت كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.06.20

جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ يىللىق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك (Volker Türk) بۇ قېتىمقى كېڭەش مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.

ب د ت نىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋولكېر تۈرك سۆزىدە «شىنجاڭ رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىشخانىمىزنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كەلمەكتە. بىز بۇ توغرىسىدا داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز» دېگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىشخانىسى يېقىندا بىر گۇرۇپپا كىشىنى خىتايغا ئەۋەتكەن بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنلىرى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى تەكشۈرگەن. شۇ قاتاردا ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئەمگەك ھەققى مەسىلىسى بويىچە پائالىيەت قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. شۇ قاتاردا «بىز خىتاي دائىرىلىرىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى تېزدىن قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

ھالبۇكى، «كىشىلىك ھوقۇق بويىچە خەلقئارا مۇلازىمەت» تەشكىلاتى، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار 20-ئىيۇندا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتتا «ۋولكېر تۈركنىڭ بۇ سۆزلىرى نۆۋەتتىكى رېئاللىق ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس» دېيىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە، «ب د ت نىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى توغرىسىدا ۋولكېر تۈرك جامائەتكە ئېنىق جاۋاب بېرىشى لازىم» دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاشۇ قېتىمقى دوكلاتنى ئەرەبچە، خىتايچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە ۋە ئىسپانچە تىللارغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسىلەنگەن.

ۋولكېر تۈركنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كەسكىن سۆز قىلماسلىقى، ب د ت نىڭ ئۆزىدىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلغان. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىغا مەسئۇل پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى مارى لاۋلور (Mary Lawlor) بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە 2019-يىلى 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شۇنداقلا «مەن خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرى بويىچە گۈلشەن ئابباس ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇچۇر بېرىشكە چاقىرىمەن» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.