ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى نەپەر نۇپۇزلۇق ئەزاسى 1-ئىيۇل كۈنى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرىسقا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەنسەندىچىلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا، شۇنداقلا باھالاپ چىقىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەف مېركىلىي بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرن ئېلان قىلغان ئوچۇق خەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئوچۇق خەتتە ئىشەنچىلىك دوكلاتلار مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ تىپلىق جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ياكى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈرمە سىستېمىلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى كۆرستىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «لاگېرلار تورىنىڭ غايەت زور كۆلىمىنى كۆزدە تۇتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپتە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىشى، كېيىن لاگېرلارنى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرى دېيىشى ياكى ئىختىيارىي كەسپىي تەربىيىلەش دەپ ئاقلىشى ئىشەنچىلىك ئەمەس،» دېيىلگەن.
ئوچۇق خەتتە يەنە بىر يىل ئاۋۋال 50 دىن ئارتۇق ب د ت ئالاھىدە مۇتەخەسسىسىنىڭ چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ب د ت باش كاتىپىنىڭ بۇ تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا قانداق توسالغۇلارنىڭ بارلىقىنى دوكلات قىلىشقا چاقىرغان.