خەلقئارا بىرلىك ب د ت نى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-09-09
Share

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تورىنىڭ 9-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا 321 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىشىپ دۇنياۋى بىرلىك ھاسىل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دەرھال مۇستەقىل بىر خەلقئارا مېخانىزم قۇرۇپ چىقىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلار 60 نەچچە دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ئىكەن.

بۇ بىرلەشمە مەكتۇپتا ئۇيغۇر رايونى، تىبەت، خوڭ كوڭ قاتارلىق جايلاردا چېكىدىن ئاشقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوقىتىش ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ دۇنياۋى بىرلىكنىڭ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن خىتايغا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشى تارىختا كەم كۆرۈلگەن ئىش ئىكەن. بۇ باياناتنامىدە خىتاينىڭ ب د ت ئارقىلىق ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلغان خىتاي پائالىيەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خەلقئارا جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش توغرۇلۇق ئاۋاز بېرىش يىغىنىدا دائىم قارشى ئاۋاز بېرىپ كەلگەنلىكى، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى لايىھىسىنى «باشقا ئەللەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش» دەپ رەت قىلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالاھىدە يىغىنى چاقىرىپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە باھا بېرىشى، خىتايغا قارىتىلغان ئادىل، مۇستەقىل خەلقئارا مېخانىزم بەرپا قىلىشى كېرەك» دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھەر قايسى تەشكىلاتلاردىن تەركىب تاپقان دۇنياۋى بىرلىك بۇنى قوللىغان. بۇ تەشكىلاتلار يەنە ب د ت باش كاتىپى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىملىرىنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل بولۇپ، خىتاينىڭ كەڭ-كۆلەمدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت