كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 17-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا رەھبەرلىرىنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. مەزكۇر بايانات ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىللىق يىغىنى نيۇ-يورك شەھىرىدە باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، «دۇنيا رەھبەرلىرى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلىرىنى ھەل قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشىى كېرەك،» ئىكەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «رەھبەرلەر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈز بېرىۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ بېكىتىلگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر بايانلارنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىشى كېرەك.»
بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 13-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېغىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان شىنجاڭنى تەكشۈرۈش سۆھبىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ توپلىغان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتىنىڭ پۈتۈپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفىي رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، مىشېل باچىلېتنىڭ سۆزى خىتاينىڭ خەلقئارا تەكشۈرۈشتىن قېچىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەسلىكى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بەرگەن.