70 ئۇيغۇر تەشكىلاتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-10-07
Share

7-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تور بېتىدە 70 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 18 دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان 68 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەلەپ سۇنۇپ: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەت بولۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز، چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى سايلام ئۆتكۈزۈپ، 15 يېڭى دۆلەتنى ئەزالىققا كىرگۈزىدىكەن، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 2021-يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل بولىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئەگەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرسە ب د ت تەشەببۇس قىلىدىغان يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بىرەر دۆلەتنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشقا تاللىغاندا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراش كېرەك. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ب د ت نىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىدىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا قارشى بېرىلگەن پىكىرلەرنى باستۇرۇپ كەلدى».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ ھە قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئورگانغا سايلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىكى غەلىتە مەنتىقىنى قەتئىي چۈشەنگىلى بولمايدۇ» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ھېچقانداق تۆھپە قوشمىغان، بەلكى ئىلگىرى بىر ئوبدان كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش سىستېمىسىغا كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق قىلغان؛ ب د ت نىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئېتىبارغا ئالماي، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. خىتاي يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان قارار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.