كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى خىتايغا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.28

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات» نىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 28-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى قاتارلىق 15 تەشكىلات بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 57-نۆۋەتلىك يىغىندا خىتايغا جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلدى.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا، خىتاينىڭ ب د ت چىقارغان مەزكۇر دوكلاتنى قىلچە ئاساسسىز ھالدا «قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز» دەپ رەت قىلغانلىقى، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى تۇتقانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا جاۋابكار بولۇشتىن باش تارتقانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ: ھېچقانداق قانۇنىي ئەيىبلەش ۋە دەلىللەش بولماي تۇرۇپ كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ رايوندىكى قاتتىق باستۇرۇشنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىماقتا. ب د ت غا ئەزا تۇرۇپ، بۇنداق كەڭ كۆلەملىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن بىر دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى بولمايدۇ، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش كېرەك».

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتايغا كەسكىن ھەرىكەت قوللانمىسا، خىتاينىڭ يەنە تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ جىنايەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى چاقىرىق قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.