گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باشقىچە شەكىلدە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «بايقۇت» قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-01-05
Share

2022-يىلى 4-فېۋرالدا باشلىنىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر ئاي قالغاندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە بارمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇتمۇ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەدىكى «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» نىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شۇلېز ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىرلارنىڭ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا قارىتا شۇلىز «بىز بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىمىز، دېمىدۇق» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باش مىنىستىر شۇلىز نۆۋەتتىكى ئومىكرون يۇقۇمىدىن ئەندىشە قىلىش تۈپەيلىدىن بۇ قارارنى چىقارغانىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقانىدى. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئېنىق قارار ئالمىغان بولۇپ، فىرانسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق بىرقىسىم ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇسابىقە كۆرۈشكە بارمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى خەلقئارادا مۇئەييەن دىققەت قوزغىماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت