ئامېرىكا دۆلەت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق باش نازارەتچىسى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن يۆتكەشكە چاقىرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-08-04
Share

توكيو شەھىرىدە يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سىياسەتچىلەر ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن باشقا جايغا يۆتكەش تەلەپلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

«نيۇ-يورك پوچتىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق باش نازارەتچىسى جون راتكىلىف كېلەر يىل 2-ئايدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا جايغا يۆتكەشكە چاقىرغان. ئۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولغان ۋە ئۇنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ساغلاملىقنى باش تېما قىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىدەك خەلقئارا پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا، شۇنداقلا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كورونا ۋىرۇسىنى ئېنىقلاش مەسىلىسىدە ئوچۇق بولمىغان ۋە ئۇنى ئېنىقلاشنى رەت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چوڭ خەلقئارالىق پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك».

ئۇ يەنە، بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى خىتايغا بېرىلگەن تەقدىردە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دوستلۇق، پەزىلەت، ھۆرمەت، باتۇرلۇق، ئىرادە، ئىلھام، باراۋەرلىك قاتارلىق 7 تۈرلۈك قىممەت قارىشى بار. خىتاي كوممۇنستلىرىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى يوشۇرۇشى ئۇلارنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ دوستى ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغاندىن باشقا يەنە، ھېچقاچان ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ باقمىدى. ئۇلار كورونا ۋىرۇسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىليونلىغان ئىنسانلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى داۋام قىلماقتا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن قارشى چىقالايدىغانلارغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنماقتا».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت