خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم غەرب ئەللىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. كانادالىق سابىق قار تېيىلىش چېمپىيونى جرۇۋ نېيلسون ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرى بىلەن يېقىندا بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى.
CBC ئاگېنتلىقىنىڭ 19-دېكابىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جرۇۋ نېيلسون خەلقئارا قار تېيىلىش مۇسابىقىلىرىدە ئىككى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قار تېيىلىش ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ «مەن ھازىر كانادا قار تېيىلىش كوماندىسىغا بىۋاسىتە ياردەم بېرەلمىسەممۇ ئەمما ئۇلارنى 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇنداق بىر مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشى پۈتۈنلەي خاتا. بۇ مۇسابىقىنى ‹ئولىمپىك مۇسابىقىسى› دېيىشكىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلى بارمايدۇ» دېگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار سىستېمىسى ۋە زور تۇتقۇننى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنىڭ ھەرگىزمۇ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن كانادا تەنھەرىكەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى تولۇق بايقۇت قىلىشىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ بىر قەدىمى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، جرۇۋ نېيلسون ئامېرىكا ۋاسكېتبول ماھىرى ئەنەس كەنتەردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا ئەيىبلىگەن يەنە بىر تەنتەربىيە چولپىنى ھېسابلىنىدىكەن.