ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان خىتاي تەنتەربىيىچىلەر ئارىسىدا بىر نەپەر ئۇيغۇر ماھىرنىڭ بارلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇر تەنتەربىيە ماھىرىنىڭ ئىسمى دىلنىگار ئىلھامجان بولۇپ، بۇ يىل 20 ياشتا ئىكەن. ئۇ 2017-يىلى خىتاي دۆلەتلىك كوماندىسىغا تاللانغاندىن كېيىن، ئۈچ يىل نورۋېگىيەدە تەلىم ئالغانلىقى مەلۇم. دىلنىگار ئىلھامجان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا دالادا چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارالىق مۇسابىقىدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دىلنىگارنىڭ دادىسى ئىلھامجانمۇ 1980-يىللاردىكى چاڭغا تېيىلىش ماھىرى بولۇپ، 1993-يىلى خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قار تېيىلىش مۇسابىقىسدە 3-بولغان ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە خىتايغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ 5 نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن تاللانغان ئىكەن. دىلنىگاردىن باشقا يەنە ئىككى نەپەر قازاق، بىر نەپەر قىرغىز ۋە بىر نەپەر خىتاي ماھىرى بار ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ قېتىملىق قىشلىق ئولىمپىككە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدە يەنە ئىككى نەپەر تىبەت ماھىرىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىنغان.
خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىنى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتكە بېرىش ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر ھەم تەنتەربىيەچىلەرنى زۇلۇمغا شېرىك بولۇشقا مەجبۇرلىدى، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.