بېيجىڭدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم ۋەزىيىتى شەكىللەندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.06.14

بېيجىڭدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، بۇ ھەپتە ئاخىرى شەھەرنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى تاقالغان.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 14-ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا يېڭىدىن بايقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 51 گە يەتكەن.

دائىرىلەر شەنبە كۈنى يۇقۇمدارلار دەسلەپتە بايقالغانلىقى مۆلچەرلەنگەن شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرىنى تاقىغان.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ھامىي» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەپتە ئاخىرى يەنە توپ تارقىتىش بازىرىغا يېقىن جايدىكى بىر ئولتۇراق رايونىمۇ كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇمدارلار سانى 19 غا يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇقۇم ۋەزىيىتى مەزكۇر ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا ئىككىنچى قېتىم پارتلاشى مۇمكىن، دېگەندەك ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر يېمەك-ئىچمەك ۋە كۆكتات بازىرىمۇ تاقالغان.

كورونا ۋىرۇسى ۋۇخەندە بايقالغاندىن كېيىن ھازىرغا كەلگۈچە 7. 8 مىليون ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان، 430 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. 

ھالبۇكى خىتاي مەزكۇر ۋىرۇسىنىڭ ئۆزىدىن تارقالغانلىقىنى تەن ئالمىغاندىن باشقا يەنە خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن. 

خىتاي بۇ قېتىم بېيجىڭدا بايقالغان يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسىگىمۇ سوئال قويغان.

«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» يەكشەنبە كۈندىكى بىر پارچە خەۋىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا پەيدا بولغان يۇقۇم ۋەزىيىتىنى چەتئەلدىن خىتايغا يۇقۇملىنىپ كەلگەنلەر پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۆۋەتتە بېيجىڭدا پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.