بېيجىڭ شەھىرىدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى شوئار ئېسىلغان
2022.10.13
10-ئاينىڭ 13-كۈن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 3-ئايلانمىسىدىكى بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى شوئار يېزىلغان بىر لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن.
لوزۇنكىدا «يادروكىسلاتاسى كېرەك ئەمەس، تاماق كېرەك؛ قامال كېرەك ئەمەس، ئەركىنلىك كېرەك؛ يالغانچىلىق كېرەك ئەمەس، ھۆرمەت كېرەك؛ مەدەنىيەت ئىنقىلابى كېرەك ئەمەس، ئىسلاھات كېرەك؛ داھىي كېرەك ئەمەس، سايلام بېلىتى كېرەك؛ قۇللۇق كېرەك ئەمەس، پۇقرالىق كېرەك» دېگەن شوئارلار يېزىلغان؛ يەنە بىر لوزۇنكىغا «ئىش تاشلاش، دەرس تاشلاش ئارقىلىق دۆلەت ئوغرىسى، مۇستەبىت شى جىنپىڭنى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى!» دېگەن شوئار يېزىلغان.
خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا داۋاملىشىۋاتقان ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىغا چىقىشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان بۇ ۋەزىيەتتە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇنداق شوئارلارنى ئېسىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ بۇ لوزۇنكىنى دەرھال يىغىشتۇرۇۋەتكەن، بىر ئەرنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن؛ لوزۇنكىدىكى شوئارنى توردا تارقىتىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھېسابى تاقالغان.