ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر ئاي ئىچىدە بېيجىڭنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 940 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل 3-ئايدا 940 نەپەر كادىر ۋە خادىم بېيجىڭنىڭ «ئىسراپچىلىققا، ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» توغرىسىدىكى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ 6 نەپىرى ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك، 11 نەپىرى ناھىيە دەرىجىلىك، 279 نەپىرى يېزا ۋە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار ئىكەن. لېكىن خەۋەردە ئۇلارنىڭ قانچىسىنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەر تەشكىل قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «بېيجىڭنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنى مەقسەتلىك تازىلاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى 3 يىلدا ئېلىپ بارغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش»، «رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش» ھەرىكەتلىرىدە ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئۇيغۇر كادىرلار تازىلانغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل 3-ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان 940 نەپەر كادىر ۋە خادىمنىڭ 296 نەپىرىگە ئىنتىزام ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدا 83 مەسىلە «مەركەزنىڭ زور ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قارارلىرىنى ياخشى ئىجرا قىلماي ياكى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمەي زور ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.