بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا سۆزلىشىپ «توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى مۇزاكىرە قىلغان

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 9-سېنتەبىر كۈنى تېلېفوندا سۆزلىشىپ، «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ تېلېفون سۆھبىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى سودا، جاسۇسلۇق، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى، ئۇيغۇر ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرى سەۋەبلىك ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن، خىتاي ئامېرىكادىن «خىتاينى تەھدىت» دەپ قاراشتىن ۋاز كېچىش، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن ئىمبارگونى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ پرېزىدېنت بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى شى جىنپىڭ بىلەن 2-قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىشى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن قېتىم سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئاقساراينىڭ باياناتىدا ئېيتىشىلىچە، بۇ تېلېفون سۆھبىتى «ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدارە قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى،» ئىكەن.

باياناتتا پرېزىدېنت بايدىننىڭ «ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سۆھبەتتە شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ بىر مەزگىل خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلغانلىقى، بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ كېلىمات مەسىلىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق سەھەلەردە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى، بىراق بۇ خىل ھەمكارلىق «بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق ئەندىشىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئ‍ختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش» نى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.