«جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەلەپ قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.02.27

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت كارنىيى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كېڭىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەكىتلەنگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى لى شىنخۇاڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «بۇ يىل بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دىۋىزىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە، بۇ جايلاردا پولىستېر تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

62-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» غا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۈەننىڭ ئاساسلىق كاتتىباشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان بولۇپ، ما شىڭرۇي بۇ يىغىندا «شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇنىڭ كۆزى» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇشىنى، بىڭتۈەننى جەنۇبقا قاراپ يەنىمۇ كېڭەيتىشنى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا ئىشلەپ كەلمەكتە. بۇ قېتىملىق «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنىدا، جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەر «شاھمات تاختىسى» نىڭ كۆزى دەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ جايلارنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش، «يېڭى نوپۇس، يېڭى ئىقتىساد، يېڭى مەدەنىيەت» نى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈش، يەنى «يېڭىدىن قان بېرىش» ئارقىلىق، پۈتۈنلەي باشقىدىن قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش مەسىلىسى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.