بىڭتۈەن تاشقىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىن جيەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىلىقىغا تەيىنلەنگەن

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تاشقى دۇنياغا قارىتا ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىلىقىغا تەيىنلىگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىڭتۈەن تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى لىن جيەننى مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلىگەن. ھالبۇكى، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» 2022-يىلى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك جازالانغان ئىدى.

خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى ئەۋجىگە چىققان، ئۇيغۇر مەسىلىسى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىكى كەسكىن سۈركىلىش نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، لىن جيەننىڭ بۇ ۋەزىپىگە يۆتكىلىشى، ئۇنىڭ سىرتقا قارىتا ئاتالمىش «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ ب د ت نىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنىدىن بېرى، رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىشتا كۆپ خىل تەشۋىقات شەكىللىرىنى قوللانماقتا.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلى كەسپىي دىپلومات بولغان ۋە خىتاينىڭ كوپېنھاگېن، ۋارشاۋا قاتارلىق جايلاردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدا خىزمەت قىلغان لىن جيەن، 2020-يىلنىڭ ئاخىرلىرى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» گە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىكەن.

خەۋەرلەردە، لىن جيەن ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىڭتۈەندىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوڭكوڭ بىلەن بولغان سودا، ساياھەت ئىشلىرىنى ئالغا سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.