بىڭتۈەن ئورۇنلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشلامچىسىغا ئايلانغان

ھەربىي تۈزۈم بىلەن مەمۇرىيەت بىرلەشكەن بىڭتۈەن ئورۇنلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سېغىنىدىغان ماكانى بولۇپ كەلگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنى يېڭى خىزمەت ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان باشلامچى ئورۇنغا ئايلانغان.

«شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 3-ئاپرېل چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىڭتۈەن ئورۇنلىرى 358 مەيدان خىزمەتچى ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنى «باھار شامىلى» ھەرىكىتى دەپ ئاتىغان. بۇ پائالىيەتتە بىڭتۈەن ئىشسىزلارغا ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلارغا 65 مىڭغا يېقىن ئىش ئورنى تەمىنلىگەن. ئۇلار يەنە ئادەم ئېلىش دائىرىسىنى ئىچكىرى خىتايغىمۇ قاراتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس تور بېتى قۇرۇپ، «ئىنتېرنېت بىلەن ئادەم ئېلىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت سۇپىسى» بەرپا قىلغان.

ئۇيغۇر رايونىغا جەلىپ قىلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدە فىلىم ئىشلىگەن فىرانسۇز ژۇرنالىستلاردىن مانون باچلېت خانىم بۇ فىلىم ئارقىلىق بىڭتۈەننىڭ تارىخى ۋە ئىچكىرى خىتايدىن كېلىدىغان كۆچمەن نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ماكانلاشتۇرۇشتا ئوينىغان ھەل قىلغۇچى رولىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇلارنىڭ ئاساسەن خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى خىتايغا بېرىش ئىشلەشكە، خىتايلارنى بولسا شىنجاڭغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش» چاقىرىقى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.