خىتاي بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىشىنى تېزلىتىشتە تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا مەجبۇر بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-01
Share

خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى جەنۇبقا كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۇنىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى. بىراق ئۇ بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ سەۋەبلىك دائىرىلەر تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەشكە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ نىشانى ئاقسۇدىكى بىڭتۈەن 1-دېۋىزىيەسى تۇرۇشلۇق ئارالغا قاراتقان.

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى» 1-سېنتەبىر كۈنى بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئارال شەھىرى سۇ-ئىنشائات دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە 62 مىليون كۈپ مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىپ، يول بويىدىكى 150 كىلومېتىرلىق ئېكولوگىيەلىك ئورمانلىق، چاتقاللىق، سۆگەتلىك ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى سۇغارغانلىقى شۇنداقلا بۇ رايوندىكى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىشىلىچە، بىڭتۈەن 1-دېۋىزىيەسىنىڭ 11-پولكى ئېكولوگىيەلىك سۇغۇرۇش بەلۋېغىغا تەۋە ھالقىلىق رايون ئىكەن. 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئ‍از دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىشنى تېزلەتكەن. دائىرىلەر بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىشنىڭ بىر مۇقىملىق قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئېمبارگو قويغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت