«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 4 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. ئۈرۈمچىدە قاتناش تۈگۈنلىرى قامال قىلىنىپ، ئۈرۈمچىگە كىرىپ – چىقىدىغان بارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تەكشۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى كېلىپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قۇلايسىزلىق يەتكەن.
«سۇمۇرغ» خەۋەر قانىلىدا كۆرسىتىشىچە، 2-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى پويىز ئىستانسىلىرىدا ئىچىملىك، گىرىم بۇيۇملىرى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان يېمەكلەرنى پويىزغا ئېلىپ چىققۇچىلار ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.
ئىلگىرى خىتايدىكى پويىزلارغا، قورال، زەھەرلىك ۋە ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار، يىڭنە، پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ چىقىش چەكلەنگەن ئىدى.
بۇ يىل 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسىگە» غا تۆت يىل توشىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كەچقۇرۇن ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىشقا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانلىق باستۇرغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نامايىشتىن كېيىن 10 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.