بوشۈن تورى شىياڭ نەنفۇنىڭ«دۆلەتنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەيلىدى

بوشۈن تورىغا ئۇچۇر يوللىغان شىياڭ نەنفۇنىڭ «توردا يالغان ئۇچۇر يوللاپ دۆلەتنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بوشۈن تورى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىياڭ نەنفۇنىڭ پەقەت بىر تورداش بولۇش سۈپىتى بىلەن بوشۈن تورىغا ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى «دۆلەتنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشىنى بىمەنىلىك دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭلىق شىياڭ نەنفۇنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ بوشۈن تورىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان يالغان ئۇچۇرلاردىن 1300 نى يوللىغانلىقى ئۈچۈن 2-ماي كۈنى بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

يېقىندىن بۇيان خىتايدا «توردا يالغان ئۇچۇر يوللۇغۇچىلارغا ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغۇچىلارغا زەربە بېرىش» نامىدا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.8 -ماي كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ70 ياشلىق مۇستەقىل ژۇرنالىست گاۋ يۈنى «چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى جۇڭگونىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلايدىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرغانلىق بىلەن تەنقىد قىلىپ، ئايال مۇخبىر گاۋ يۈنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.