بېلگىيە دائىرىلىرى 22 - مارت بىريۇسسېل تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن قېچىپ يۈرگەن تېررور گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىريۇسسېل مېترو ئىستانسىسى ۋە ئايروپورتىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 32 ئادەم ئۆلگەن يەنە نەچچە ئونلىغان ئادەم يارىلانغان. ساقچى دائىرىلىرى بېشىغا قارا قالپاق كىيگەن بىر گۇماندارنىڭ ئايروپورت كۆزىتىش ئاپپاراتىغا چۈشكەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمدىن كېيىن نەق مەيدانىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەت قولغا چۈشكەن گۇماندار موھامەد ئابرىنى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ قارا قالپاقلىق گۇماندار ئىكەنلىكنى ئىقرار قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، موھەمەد 8 - ئاپرېل كەچقۇرۇن قولغا چۈشكەن.
موھەمەد ئوتكەن يىلى نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ھۇجۇمدىكى باش گۇماندار سالېھ ئابدېسلام بىلەن ھۇجۇمىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن پارىژغا ماشىنىلىق كەلگەن بولۇپ بۇ كۆرۈنۈش پارىژدىكى بىر كۆزىتىش ئاپپاراتىغا چۈشۈپ قالغان.
ئۇ دېكابىردىن بۇيان ياۋروپادا بىرىنچى دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.