بۇلغارىيە ساقچىلىرى 71جەسەت بىلەن بايقالغان يۈك ئاپتوموبىلىغا چېتىشلىق 4 ئادەمنى قولغا ئالغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.08.29


خەۋەرلەرگە قارىغاندا 28 - ئاۋغۇست بۇلغارىيە ساقچى دائىرىلىرى ئاۋسترىيەدە 71 ئادەمنىڭ جەسىتى بىلەن بايقالغان يۈك ئاپتوموبىلىغا چېتىشلىق 4 ئادەمنى قولغا ئالغان.

بۇلارنىڭ ئۈچى بۇلغارىيەلىك، بىرى ئافغانىستانلىق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەزكۇر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرىمۇ بار ئىكەن.

27 - ئاۋغۇست ئاۋسترىيە دائىرىلىرى بولغارىيەدىن ۋېنا شەھەرىگە بارىدىغان يولنىڭ ئاۋسترىيە بۆلىكىدە ئىچىدە 71 ئادەمنىڭ جەسىتى سېسىپ كەتكەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى بايقىغان. بۇلارنىڭ 59 نەپىرى ئەر، 8 نەپىرى ئايال 4 نەپىرى كىچىك بالا ئىكەن.

مەزكۇر خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن دۇنيا خاراكتېرلىك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، قازاغا ئۇچرىغانلار ئەسلى ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدىن يولغا چىققان ۋە بۇلغارىيە ئارقىلىق چارشەنبە كۈنى ئاۋسترىيە چېگراسىغا كىرگەن.

ئاپتوموبىل ئاۋسترىيە چېگراسىغا كىرگەندە يەنى نەئۇسېدل ۋە پارندورف شەھىرى ئارىسىدا تاشلاپ كېتىلگەن. پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترىيە ساقچىلىرى ماشىنا ئىچىدىن سېسىشقا باشلىغان جەسەتلەرنى بايقىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ قولىدا سۈرىيەدىن ئالغان يول خېتى بار بولۇپ، باشقىلارنىڭ كىملىكى ھازىرچە ئېنىقلانمىغان.

ساقچىلار بۇ بەختسىزلەرنىڭ ئاۋسترىيە چېگراسىغا كىرىشتىن ئىلگىرىلا جان ئۈزۈپ بولغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقان.

مەتبۇئاتلاردا بۇنىڭ يېقىنى ئايلاردىن بۇيان ياۋروپادا كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقان مۇساپىرلار كرىزىسىنىڭ نەقەدەر جىددىيلىكنى كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇلغارىيە دائىرىلىرى نۆۋەتتە مەزكۇر پاجىئەگە چېتىلغان ئاپتوموبىل ۋە ئادەم قاچاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تۇتۇپ سوراق قىلىشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.