ئۇيغۇر ئېلىدىكى چاغانلىق ئېتىبار سىياسەتلىرى نېمىنى كۆزلەيدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.28

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2025-يىللىق چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھرىدە سەككىز تۈرلۈك ئېتىبار تەدبىرى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، بۇ تەدبىرلەر ئىچىدە ھەرقايسى جايلاردىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىدا ھەق ئالماسلىق، كۇتۇپخانا ۋە مۇزېيلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى توختاتماسلىق، ئېتىلداق (پوجاڭزا) سېتىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش ۋە ئېتىلداق باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، ئاممىۋى تاكسى ماشىنىلىرىنى كۆپەيتىش، قاتناش قائىدىسىگە تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا يەڭگىل جازا بېرىش قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان.

بۇ يىلمۇ ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش چاغان ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى جايلاردا چاغانلىق بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تۈگرە تۈگۈش، پانۇس ياساش ۋە ئىشىكلەرگە خىتايچە مەسنەۋى ئېسىش زور داغدۇغا بىلەن داۋام قىلىۋاتقاندا، بۇنداق بىر يۈرۈش «ئېتىبار سىياسىتى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مەزكۇر بايرامنى ئۇلۇغلاشتۇرۇش بىلەن باغلانغان ھالدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت دۇنياسى ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇربان ھېيت»، «روزا ھېيت» دېگەندەك ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ خىلدىكى «ئېتىبار سىياسەتلىرى» نىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە يولغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە چاغان بايرىمى ھەققىدە ئىجابىي تەسىر قالدۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆزلىرى خالىغان ھالدا بايرام سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.